ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا يەھۇدىيلار ئالدىنقى سەپتە تۇردى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا كونگرەنىڭ يان بىناسىغا كىرگەن يەھۇدىيلار ئىسىرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى.

2053074
ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا يەھۇدىيلار ئالدىنقى سەپتە تۇردى
roma filistin destek.jpg
abd israil tepki.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئۇرۇش توختات» دەپ خەت يېزىلغان لوزۇنكىنى ئاچقان يەھۇدىي نامايىشچىلار، «غەززەنى قورشاشنى توختات، سىيونىزم فاشىزمغا ئوخشاش. ئامېرىكالىق يەھۇدىيلار غەززەدە ئەمدى ئۇرۇشنى توختات دەيدۇ» دەپ شوئار توۋلىدى.

ساقچىلار ئىسىرائىلىيەنى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرغان تەخمىنەن 300 ئەتراپىدىكى تىنچلىق تەپدارى نامايىشچىنى قولغا ئالدى. كونگرە بىناسىنىڭ ئالدىدىمۇ نامايىش قىلغان يەھۇدىي گۇرۇپپىلار پەلەستىننى قوللاپ شوئار توۋلىدى.

نىيۇ يورك ۋە چىكاگو قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىمۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ دوختۇرخانا ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. پەلەستىننىڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار، ئىسىرائىلىيەگە قارشى شوئار توۋلىدى. ئۇ شەھەرلەردە ياشاۋاتقان يەھۇدىيلار نامايىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدىن ئورۇن ئالدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق «ئىتتىپاقداشلار ۋە شېرىك دۆلەتلەرنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەش» ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى جوش پاۋۇل (Josh Paul)  ئامېرىكانىڭ ئىسىرائىلىيەگە يانباسقان مەيدانىنى ئۇزۇنغىچە قوللىيالمايدىغانلىقىنى  بىلدۈرۈپ، خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

كولومبىيە پىرېزىدېنتى گاستاۋو پېترو ئېكس (X) ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ، ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى «ئەلئەھلى باپتست» دوختۇرخانىسىنى بومبىلىشىنىڭ خەلقئارالىق تەكشۈرۈلۈشى شەرت بولغان «ئۇرۇش جىنايىتى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى سىلۋامۇ «ئەلئەھلى باپتست» دوختۇرخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ كەچۈرگىلى بولمايدىغان تىراگېدىيە ئىكەنلىكىنى، ئۇرۇشنىڭ مەنىسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بايانات ئېلان قىلدى.

بىرازىلىيەنىڭ ساۋ پاۋلو شەھىرىدىمۇ پەلەستىن خەلقىنى قوللاپ، نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشچىلار ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، پەلەستىنلىكلەرنى قوللايدىغان شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ئاچتى.

چىلى پىرېزىدېنتى گابرىيېل بورىچ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، غەززەدىكى دوختۇرخانا ھۇجۇمى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ: «ھاماس پەيدا قىلغان قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھۇجۇملارغا قارشى ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدە نامايان قىلىۋاتقان ياۋايىلىقى، ھېچقانداق ئىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتىشنى خالايمەن» دېدى.

ئىرېلاندىيە پىرېزىدېنتى مايكېل خىگگىنس (Michael Higgins) ئىسىرائىلىيەنىڭ «ئەلئەھلى باپتست» دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ ئېنقلا «ئۇرۇش جىنايىتى» سۈپىتىدە تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئەنگلىيەدە چارلېز دانس، لىيام كاننىڭخام ۋە تىلدا سۋىنتون قاتارلىق داڭلىق سەنئەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2 مىڭدىن ئارتۇق سەنئەتچى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىغا ئىمزا قويدى.

كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى ئىسىرائىلىيە كونسۇلخانىسى ئالدىدا يوپلانغان نامايىشچىلارمۇ ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشچىلار، ئىسىرائىلىيەنىڭ «ئەلئەھلى باپتست» دوختۇرخانىسى بومباردىمانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەززەدىكى ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئىتالىيە پايتەختى رىمدا پەلەستىننى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. پەلەستىن بايراقلىرىنى ۋە ھەر خىل شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار، ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

گىرېتسىيە پايتەختى ئافېنادىمۇ مىڭلارچە كىشى پەلەستىننى قوللاپ نامايىش قىلدى.

ئالجىرىيە پۇتبول فېدېراتسىيەسى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە، پەلەستىن خەلقى بىلەن ھەمكارلىشىش مەقسىتىدە بارلىق پائالىيەتلىرىنى يېڭى ئۇقتۇرۇش چىققىچە ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر