ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەززەگە ياردەم بېرىش قارار لايىھەسىنى ۋېتو قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش ئۈچۈن توقۇنۇشلارنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىنغان قارار لايىھەسىنى ۋېتو قىلدى.

2052939
ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەززەگە ياردەم بېرىش قارار لايىھەسىنى ۋېتو قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىش مەسىلىسى توغرىلىق يىغىن چاقىردى.

يىغىندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى غەززە رايونىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈش بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىنغان قارار لايىھەسىنى ۋېتو قىلدى.

بىرازىلىيە سۇنغان قارار لايىھەسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 12 ئەزاسى قوللاپ ئاۋاز بەردى، رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە  ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.

قارار لايىھەسىدە ھاماسنىڭ ھۇجۇملىرىمۇ ئەيىبلەندى.

قارار لايىھەسىدە يەنە، پۇقرالارغا قارىتىلغان ھەر خىل زوراۋانلىق، دۈشمەنلىك، ھەر خىل تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ئەيىبلەندى، بارلىق تۇتقۇنلارنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىندى.

رۇسىيەنىڭ دۈشەنبە كۈنى (2023-يىلى 16-ئۆكتەبىر) ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىشنى چاقىرىق قىلىپ سۇنغان قارار لايىھەسى ۋېتو قىلىنغانىدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى. غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىلغان، قوراللىق گۇرۇپپىلارمۇ رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا كىرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا، ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلارچە كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر