ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيەنىڭ قارار لايىھەسىنى رەت قىلدى

رۇسىيەنىڭ غەززەدە «ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش» نى تەلەپ قىلىش، پۇقرالارنىڭ ھەر خىل  شەكىلدە ئۆلۈپ كېتىشىنى ئەيىبلەش مەزمۇن قىلىنغان قارار لايىھەسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن رەت قىلىندى.

2052022
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيەنىڭ قارار لايىھەسىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 15 ئەزادىن تەشكىل تاپقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە، رۇسىيەنىڭ ئىسرائىلىيە – پەلەستىن توقۇنۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلدى.

بۇ قارار لايىھەسى 4 كە قارشى 5 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى، 6 ئەزا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.

قارار لايىھەسىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ۋە ياپونىيە رەت قىلدى.

گەرچە رۇسىيەنىڭ قارار لايىھەسىدە ھاماس ئالاھىدە تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمى ئەيىبلەندى.

رۇسىيەنىڭ قارار لايىھەسىنىڭ ئورنىغا، بىرازىلىيەنىڭ باشقا بىر كۈنگە كېچىكتۈرۈلگەن قارار لايىھەسىدە بولسا، «ھاماسنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرى» ئەيىبلىنىدۇ، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئورنىغا «ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش» تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ھەرقانداق بىر قارار لايىھەسىنىڭ تەستىقلىنىشى ئۈچۈن، كەم دېگەندە 9 ئەزانىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى ۋە دائىمىي ئەزالاردىن ھېچبىرىنىڭ ۋېتو قىلماسلىقى شەرت ئىكەن.

رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسسىلىي نېبېنزىيا، قارار لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇشىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلىتى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ قارار لايىھەسىنىڭ پۈتۈنلەي ئىنسانپەرۋەرلىكنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ «غەرب لاگېرى» نىڭ شەخسىيەتچىل سىياسىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ رايوندىكى جىددىيچىلىكنىڭ ئىنتايىن ئېغىر سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى، ئەمما پۈتكۈل دۇنيانىڭ نۆۋەتتە ئېقىۋاتقان قاننى توختىتىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى چىقىرىدىغان قارارنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ھالبۇكى، غەرب دۆلەتلىرى بۇ ئۈمىدلەرنى ئاللىقاچان يوققا چىقاردى.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى لىندا توماس-گىرېنفىئېلد رۇسىيەنى «باشقا دۆلەتلەر بىلەن مەسلىھەتلەشمەيلا بۇ قارار لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى» دەپ ئەيىبلىدى.

گىرېنفىئېلد بۇنىڭ قورقۇنچلۇق ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«رۇسىيەنىڭ قارار لايىھەسىدە ھاماس تىلغا ئېلىنمايدۇ. رۇسىيە ھاماسنى ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئارقىلىق بىگۇناھ پۇقرالارغا رەھىمسىزلەرچە مۇئامىلە قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قىلمىشلىرىنى يوشۇرماقتا.»

 

پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى رىياد مەنسۇر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى: «ئۇدا 10 كۈندىن بۇيان غەززە رايونىدىكى 2 مىليون كىشىگە قارىتىلغان ھۇجۇملار ئالدىدا سۈكۈت قىلىىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى.

مەنسۇر ئىنسانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقى، يارىلاندۇرۇلۇۋاتقانلىقى، كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«تېخىمۇ كۆپ پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈش ئىسرائىلىيەنى تېخىمۇ بىخەتەر قىلالمايدۇ.».

ئۇ ئۈچ ساھەدە جىددىي تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:

«خەلقىمىزگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى دەرھال توختىتىش، غەززە رايونىغا توسالغۇسىز ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش ۋە خەلقىمىزنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.»

مەنسۇر پۇقرالارنىڭ ھەممە جايدا قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئەگەر توقۇنۇشنىڭ پۈتۈن رايون ۋە دۇنياغا يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختىتىڭ.»

ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ئاخىرقى قارار لايىھەسى، 2018-يىلى ئاۋازغا قويۇلغانىدى. غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان جىددىيچىلىك نەتىجىسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن كۇۋەيت ئوتتۇرىغا قويغان قارار لايىھەسى رەت قىلىنغانىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە  ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ئاخىرقى قارار لايىھەسى 2016-يىلى ماقۇللانغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى  ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن 2234-نومۇرلۇق قارار لايىھەسى 14 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر