ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن تەرەپ ئۇرۇشتا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار سانىنى ئېلان قىلدى

پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشلىرىدا 1200 پەلەستىنلىك، 1300 ئىسرائىلىيەلىكنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

2049837
ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن تەرەپ ئۇرۇشتا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار سانىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 1200 گە يېقىنلاشتى.

غەززەنىڭ مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى دوختۇر يۇسۇپ ئەبۇررىش: «شېھىتلەرنىڭ سانى 1200 گە يېقىنلاشتى، تەخمىنەن بەش مىڭ ئادەم يارىلاندى» دېدى.

ئەببۇرىش ھۇجۇمدا قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئىسرائىلىيە سەھىيە مىنىستىرى موشې ئاربېل بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا يارىدار ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ داۋالانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ «يەدىئوت ئاخرونوت» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە سەھىيە مىنىستىرى ئاربېل تۈنۈگۈن باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇغا مەكتۇپ يېزىپ، ھۇجۇمدا يارىلانغان ھاماس (پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى) ئەزالىرىنى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدا داۋالاشنى توختىتىشقا بۇيرۇغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

مەكتۇپىدا: «سەھىيە سىستېمىسى بۇنداق قىيىن ۋاقىتلاردا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى داۋالاشقا ۋە كەلگۈسىدىكى ئىشلارغا تەييارلىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەن ئاربېل، ئۆز باشقۇرۇشىدكى ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنىڭ ھاماس ئەزالىرىنى داۋالىمايدىغانلىقىنى  ئۇقتۇرغان.

ئىسرائىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيە – پەلەستىن توقۇنۇشى باشلانغان 7- ئۆكتەبىردىن بۇيان يارىلانغان 3268 كىشىنىڭ دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى رەسمىي قانىلى — KAN، ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى بولغان ئىززۇددىن قەسسام بىرىگاداسىنىڭ مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە قارشى باشلىغان «ئەقسا توپانى» ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 1300 گە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھۇجۇمدا يارىلانغان ئىسرائىلىيەلىكلەر سانى 350 ىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، 3300 گە يەتكەن.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدىمۇ، 7- ئۆكتەبىردىن بۇيان ئۆلتۈرۈلگەن ئەسكەرلەر سانىنىڭ 220 ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئۆلتۈرۈلگەن يەنە 31 ئەسكەرنىڭ كىملىكىنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ۋاقىپلاندۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان «قەسسام بىرىگادىسى» شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە قارىتىپ مىڭلارچە راكېتامىيوت ئاتقان ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلار رايوندىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەنىدى.

ئارقىدىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززەگە قارشى «تۆمۈر قىلىچلار» ھەرىكىتىنى قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر