پۇتىن: تۈركىيەدە قۇرۇلىشى پىلانلانغان تەبىئىي گاز مەركىزىگە نۇرغۇن دۆلەرلەر قىزىقىۋاتىدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تۈركىيەدە قۇرۇلىشى پىلانلانغان تەبىئىي گاز مەركىزىگە نۇرغۇن دۆلەرلەرنىڭ قىزىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2050009
پۇتىن: تۈركىيەدە قۇرۇلىشى پىلانلانغان تەبىئىي گاز مەركىزىگە نۇرغۇن دۆلەرلەر قىزىقىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەپتىلىك كونفېرانسىنىڭ ئاساسلىق يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلدى.

پۇتىن تۈركىيەدە قۇرۇلىشى پىلانلانغان تەبىئىي گاز مەركىزى ھەققىدە توختىلىپ، ئەزەربەيجاننىڭ بۇ لايىھەگە قىزىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋىلادىمىر پۇتىن خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ لايىھەگە قاتنىشىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى  تەكىتلەپ، «بۇ يەردە ئاساسلىقى ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قارىتا تەبىئىي گاز سودىسى ئۈچۈن ئېلېكترونلۇق بىر سۇپا بەرپا قىلىشنى تىلغا ئالماقتىمىز. بۇ لايىھەگە تۈرك دوستلىرىمىز، بىز ۋە ياۋروپادىكى رۇسىيە مەنبەلىرىنى سېتىۋالماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى قىزىقماقتا» دېدى.

روسىيە رەھبىرى يەنە، تۈرك ئېقىمى ۋە كۆك ئېقىم لايىھەسى ئارقىلىق تەبىئىي گازنى تۈركىيەگە ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە كەلگۈسىدە بۇ ئۇل ئەسلىھەلەرنى كېڭەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر