گېرمانىيەدە تېگى تۈرك بەش كىشى ئۆلكىلىك پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلاندى

يەكشەنبە كۈنى گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە ۋە خېسېن ئۆلكىلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، تېگى تۈرك 5 كىشى ئۆلكىلىك پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلاندى.

2049926
گېرمانىيەدە تېگى تۈرك بەش كىشى ئۆلكىلىك پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېخى مۇئەييەنلەشمىگەن نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، خېسېن ئۆلكىسىدە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن تۇرغۇت يۈكسەل ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن يانكى پۈرسۈن، باۋارىيە ئۆلكىسدە بولسا، يېشىللار پارتىيەسىدىن جامال بوزوئوغلۇ ۋە گۈلسەرەن دەمىرەل ھەمدە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن ئارىف تاشدەلەن ئۆلكىلىك پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

خىرىستىيان دېموكراتىك بىرلەشمىسى پارتىيەسى خېسېندە  %34.6، باۋارىيە ئۆلكىسىدە %37 بېلەتكە ئېرىشىپ سايلامدا بىرىنچى پارتىيە بولغان.

ھەر ئىككى ئۆلكىدە ئەڭ چوڭ ئىلگىىرلەشنى ئوڭچىل گېرمانىيە پارتىيەسى (AfD) قولغا كەلتۈرگەن.

ئوڭچىل گېرمانىيە پارتىيەسى باۋارىيەدە ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتىنى  ئالدىنقى سايلامغا سېلىشتۇرغاندا %4.4 ئاشۇرۇش ئارقىلىق %14.6 بېلەتكە ئېرىشىپ، ئۈچىنچى پارتىيەگە ئايلانغان.

ئوڭچىل گېرمانىيە پارتىيەسى خېسېندە ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتىنى  ئالدىنقى سايلاماغا سېلىشتۇرغاندا %5.3 ئاشۇرۇش ئارقىلىق %18.4 بېلەتكە ئېرىشىپ، ئىككىنچى پارتىيەگە ئايلانغان.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ئەزا بولغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى، بەش يىل ئىلگىرىكى سايلامغا سېلىشتۇرغاندا خېسېندا %3.8 ۋە باۋارىيەدە %1.2 ئاۋازدىن ئايرىلىپ قالغان.

سول پارتىيە ھەر ئىككى ئۆلكىدە پارلامېنتقا كىرەلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر