گېرمانىيە مۇداپىئە مىنىستىرى: ئىسرائىلىيە بىزدىن ئوق - دورا تەلەپ قىلدى

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بورىس پىستورىئۇس ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئۈچۈن ئوق - دورا تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2050126
گېرمانىيە مۇداپىئە مىنىستىرى: ئىسرائىلىيە بىزدىن ئوق - دورا تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىستورىئۇس بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو يىغىنىدىن ئىلگىرى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىز ئىسرائىلىيەلىكلەر تەرەپتە» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ گېرمانىيەدىن ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئۈچۈن ئوق - دورا تەلەپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان پىستورىئۇس، ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنى تەلەپ قىلىنغان ئىككى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ۋە سەھىيە لازىمەتلىكلىرى ياردىمى بېرىش خىزمىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە ئۆز دۆلىتىنىڭ ناتونىڭ كەلگۈسىدىكى يېڭى يالتايتىش ۋە مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن 35 مىڭ ئەسكەرنى «ئىنتايىن يۇقىرى تەييارلىق» ھالىتىدە تۇرغۇزىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ رايون خاراكتېرلىك مۇداپىئە پىلانىنى كونكرېت كۈچلەر بىلەن قوللاش مەسىلىسى. بىز ھەممە نەرسىمىزنى ھەقىقىي مەنىدە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىگلىنىشىچە، گېرمانىيە ناتونىڭ مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن 200 گە يېقىن ئايروپىلان، قوغدىغۇچى ۋە كورۋىت، شۇنداقلا 35 مىڭ ئەسكەر ئاجرىتىدىكەن.

بۇ ئەسكەرلەر 2025- يىلىدىن باشلاپ ياۋروپادىكى ناتو قىسىملىرى ئۈچۈن تەييار ھالغا كەلتۈرۈلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر