ئىسىرائىلىيە بوۋاقلارتوغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى «ھاماسنىڭ بوۋاقلارنىڭ بېشىنى كەسكەنلىكى» توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى توغرىلايدىغان ئىسپاتلارنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

2049264
ئىسىرائىلىيە بوۋاقلارتوغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان «ھاماسنىڭ بوۋاقلارنىڭ بېشىنى كەسكەنلىكى» توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى توغرىلايدىغان مەلۇماتلارنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ: «ھاماسنىڭ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، ئىسىرائىلىيەدە <بېشى كېسىلگەن بوۋاقلار> نىڭ تېپىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالدى، بۇ راستمۇ ياكى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلەمسىلەر؟» دەپ سوئال سورىدى.

ئىسىرائىلىيە تەرەپ: «خەۋەرلەرنى بىزمۇ كۆردۇق، ئەمما قولىمىزدا ھېچقانداق تەپسىلىي مەلۇمات ۋە بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق دەلىل يوق» دەپ جاۋاب بەردى.

ھاماس ھەرىكىتى مەسئۇللىرىدىن تالال ناسسار قولغا چۈشۈرۈلگەن ئىسىرائىلىيەلىك ئەسىرلەرگە قىيىن-قىستاق قىلىنغانلىقى ياكى بۇ ئەسىرلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك سۆز-چۆچەكلەرنى رەت قىلدى .

ئۇ قاتارنىڭ ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «ھاماسنىڭ ئىسىرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى ئۆلتۈرۈشى ۋە ئۇلارغا قىيىن-قىستاق قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. قولى قانغا بويالغان ھەقىقى جىنايەتچىلەر، ھەقىقەتنى بۇرمىلىغان ئىشغالچىلاردۇر. قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى ئەسىرلەرگە ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى شەنبە (7-ئۆكتەبىر) كۈنى ئىسىرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» نامىدا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ھاماسنىڭ ھۇجۇمىدا، غەززەدىن ئىسىرائىلىيەگە مىڭلارچە راكېتا ئېتىلغان ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلار رايوندىكى ئاھالىلەر رايونىغا بېسىپ كىرگەن ئىدى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ بۇنىڭغا قارىتا «تۆمۈر قىلىچ» ناملىق ھەرىكەت باشلىغان ئىدى.

ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشلىرىدا يۈزلەرچە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر