ئارگېنتىنادا يەھۇدىيلار بىلەن پەلەستىنلىكلەر نامايىش قىلدى

دۇنيادىكى دۆلەتلەردە پەلەستىننى ۋە ئىسىرائىلىيەنى قوللاش نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى. ئارگېنتىنادا يەھۇدىيلار بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئايرىم-ئايرىم نامايىش ئۆتكۈزدى.

2049401
ئارگېنتىنادا يەھۇدىيلار بىلەن پەلەستىنلىكلەر نامايىش قىلدى
urdun filistin destek.jpg
yunanistan filistin destek.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارگېنتىنا بوئىنۇس ئايرىستا ياشايدىغان سولچى گۇرۇپپىلارنىڭ چاقىرىقى بىلەن بىر يەرگە توپلانغان يۈزلەرچە كىشى، ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

غەززەگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلغان نامايىشچىلار، پەلەستىن خەلقىنى قوللىدى.

بوئىنۇس ئايرىستىكى يەھۇدىي جامائىتىنىڭ چاقىرىقى بىلەن توپلانغان يەھۇدىيلار ئىسىرائىلىيەنى قوللاپ نامايىش قىلدى.

گىرېتسىيەنىڭ سەلانىك شەھىرىدە پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

گىرېتسىيەنىڭ سەلانىك شەھىرىدىكى ئارىستوتېلۇس مەيدانىدا ھەر خىل سولچى گۇرۇپپىلار ۋە پەلەستىنلىكلەر بايراق ھەمدە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، پەلەستىننى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشچىلار «يوقالسۇن ئىسىرائىلىيە»، «ئامېرىكا ئىسىرائىلىيەنى قوللاشنى توختات» دەپ شوئار توۋلىدى.

گىرېتسىيە ساقچىلىرى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالغان نامايىش، سەلانىكتىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئالدىدا تىنچ شەكىلدە ئاخىرلاشتى.

گىرېتسىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىمۇ پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

بىرازىلىيەدىمۇ پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشچىلار بايراق ۋە ھەر خىل لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، پەلەستىننى قوللاپ شوئار توۋلىدى.

ئىيوردانىيەدىمۇ غەززەنى ۋە پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قوللاش مەقسىتىدە پىيادە يۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي قانىتى بولغان ئىسلامىي خىزمەتلەر فىرونتى پارتىيەسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن «ئۇلغايغان توپان» شوئارى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن يۈرۈشكە، مىڭلارچە كىشى قاتناشتى.

لىۋىيەنىڭ تىرىپولى شەھىرىدىكى شېھىتلەر مەيدانىدا توپلانغان يۈزلەرچە كىشى پەلەستىن بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا غەززەنى قوللاپ شوئار توۋلىدى.

تۇنىستا ئادۋوكاتلار پەلەستىننى قوللاپ نامايىش قىلدى. نامايىشچىلار پەلەستىن ۋە تۇنىس بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ، «پەلەستىن زېمىنلىرىنى ئەركىنلەشتۈرۈش ئۈچۈن بىردىنبىر يول- قارشىلىق كۆرسىتىش»، «قارشىلىق كۆرسىتىشنى قوللايمىز، نورماللىشىشنى رەت قىلىمىز» دەپ شوئار توۋلىدى.

ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى راماللاھ شەھىرىدە بىر يەرگە توپلانغان كىشىلەر، مەسجىدى ئەقسا ۋە غەززەنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزدى.

گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان «پەلەستىن بىلەن ھەمكارلىشىش يىغىلىشى» غا رۇخسەت قىلىنمىدى.

بېرلىن ساقچى دائىرىلىرى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتتا، «پەلەستىن بىلەن ھەمكارلىشىش مەقسىتىدە بېرلىننىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان يىغىلىش ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پىيادە يۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر، جەمئىيەت تەرتىپى ۋە بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن مەنئى قىلىندى» دېيىلدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى شەنبە (7-ئۆكتەبىر) كۈنى ئىسىرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» نامىدا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ھاماسنىڭ ھۇجۇمىدا، غەززەدىن ئىسىرائىلىيەگە مىڭلارچە راكېتا ئېتىلغان ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلار رايوندىكى ئاھالىلەر رايونىغا بېسىپ كىرگەن ئىدى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ بۇنىڭغا قارىتا «تۆمۈر قىلىچ» ناملىق ھەرىكەت باشلىغان ئىدى.

ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشلىرىدا يۈزلەرچە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر