مالايشىيا ھۆكۈمىتى پەلەستىنگە 1 مىليون رىڭگىت ياردەم قىلىدىغان بولدى

مالايشىيا ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن كېيىن، پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندىغا 1 مىليون مالايشىيا رىڭگىتى (تەخمىنەن 211 مىڭ دوللار) يۆتكەشنى قارار قىلدى.

2048891
مالايشىيا ھۆكۈمىتى پەلەستىنگە 1 مىليون رىڭگىت ياردەم قىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مالايشىيا ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن كېيىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندىغا 1 مىليون مالايشىيا رىڭگىتى (تەخمىنەن 211 مىڭ دوللار) يۆتكەشنى قارار قىلدى.

مالايشىيا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئەھمەد زاھىد ھامىدى مەزكۇر ياردەم سوممىسىنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلەردە جىددىي ياردەمگە موھتاج پەلەستىن خەلقى ئۈچۈن مالايشىيانىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى دائىرىسىدە تاشلىغان «تېز» قەدىمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەھمەد زاھىد، «ھۆكۈمەت پەلەستىنلىكلەرگە ياردەم بېرىش مۇساپىسىنى ئىمكانقەدەر تېزلىتىدۇ» دېدى.

ئەھمەد زاھىد مالايشىيا پارلامېنتى (دىۋان راكيات) ئەزالىرىنى پەلەستىن فوندىغا ھەسسە قوشۇشقا چاقىردى ۋە مالايشىيانىڭ بارلىق رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئورگانلىرىنى شۇنداقلا ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنى «تېزدىن» ئالاھىدە يىغىن چاقىرىشقا ياكى يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈنۈگۈن 17 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن مالايشىيا پارلامېنتى (دىۋان راكيات) دا پەلەستىنلىكلەرنىڭ زېمىنى ۋە ھوقۇقىنى زىئونىست ھاكۈمرانلىقىدىن قايتۇرۇۋېلىش كۈرىشىنى قوللاش مەقسىتىدە ھەر خىل تەكلىپ ۋە پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان يىغىن چاقىرىلغان ئىدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىسى 7-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە «ئاقسا تۇفانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىش بىلەن بىرگە، قوراللىق گۇرۇپپىلارمۇ ئىېسرائىلىيەنىڭ ئولتۇراق رايونلىرىغا بېسىپ كىرگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن غەززە رايونىغا قارىتا «تۆمۈر قىلىچ» ھەرىكىتى باشلىغانلىقىنى  ئېلان قىلغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان تۇقۇنۇشتا ھەر ئىككى تەرەپتىن يۈزلىگەن كىشى قازا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر