نىگېرىيەدە يولدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللار قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
نىگېرىيەنىڭ زامفارا ئۆلكىسىدە يولدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللارغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇم نەتىجىسىدە 10 ئادەم قازا قىلدى.
2048375
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، نەمەلۇم قوراللىق كىشىلەر زامفارا ئۆلكىسىدىكى مامايا-گۇساۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا كېتىۋاتقان بىرقانچە ئاپتوموبىلغا ھۇجۇم قىلغان.
ھۇجۇم نەتىجىسىدە 10 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان. زوراۋانلار ئاپتوموبىلدىكى كىشىلەدىن بەزىلىرىنى تۇتقۇن قىلغان ۋە 3 ئاپتوموبىلغا ئوت قويۇۋەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، نىگېرىيەنىڭ زامفارا ئۆلكىسى ئۇدا 5 يىلدىن بۇيان دائىم دېگۈدەك قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىكەن.
نىگېرىيەدە تۇتقۇن قىلىشنىڭ جازاسى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىش بولسىمۇ لېكىن فىدىيە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىش قىلمىشى ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىدىكەن.