ئامېرىكا ئىرانغا ئائىت ئوق – دورىلارنى ئۇكرائىناغا ئەۋەتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراندىن قولغا چۈشۈرگەن 1 مىليون 100 مىڭ پاي ئوقنىڭ ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

2046636
ئامېرىكا ئىرانغا ئائىت ئوق – دورىلارنى ئۇكرائىناغا ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى كارىنې جېئان پىئېررې پايتەخت ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

پىئېررې بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىران بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا خىلاپلىق قىلىپ، يەمەندىكى خۇسىي ئەسكەرلەرگە ئەۋەتكەن 1 مىليون 100 مىڭ پاي ئوقنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئۇكرائىناغا ئەۋەتكەنلىكىنى توغرىلىدى.

ئۇ ئىراننىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2216-نومۇرلۇق قارارىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنانىڭ زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قوللاش، ئىراننىڭ رايون ۋە رايون سىرتىدا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىشىنى توسۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئامېرىكا مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM)  تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىران تەرىپىدىن يەلكەنلىك پاراخوت بىلەن يەمەنگە ئەۋەتىلگەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان 7.62 مىللىمېتىرلىق 1 مىليون 100 مىڭ پاي ئوقنىڭ 12-ئايدا قولغا چۈشۈرۈلۈپ، ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ئامېرىكا مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 20-ئىيۇل (2023) كۈنى چىقارغان مۇسادىرە قىلىش قارارىغا ئاساسەن، بۇ ئوقلارنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر