ۋولكەر تۈرك قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكلەرگە نارازىلىق بىلدۈردى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى(ب د ت)كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكەر تۈرك قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك قىلىش ۋە ئۇنى كۆيدۈرۈش قىلمىشلىرىنى،بولۇپمۇ زوراۋانلىق ۋە بۆلۈنۈشكە ئېلىپ بارىدىغان قۇتراتقۇلۇق قىلمىشلىرىنى رەت قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسارى ۋولكەر تۈرك، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 54- قېتىملىق يىغىنى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «كەمسىتىش، دۈشمەنلىك ياكى زوراۋانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دىنىي ئۆچمەنلىكنىڭ تۈپ سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كۆرسىتىدىغان تەسىرى» تېمىلىق سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى.
كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 7- ئايدا قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇملار ھەققىدە مەخسۇس جىددىي يىغىن چاقىرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كومىسسار ۋولكەر تۈرك، شۇنىڭدىن كېيىن، بەزى دۆلەتلەردە قۇرئان كەرىمنى ئاممىغا ئوچۇق جايلاردا كۆيدۈرۈش قىلمىشلىرىنىڭ داۋاملاشقانلىقىنى قەيت قىلدى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى تۈرك: «مەن قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك قىلىش، ئۇنى كۆيدۈرۈش قىلمىشلىرىنى، بولۇپمۇ زوراۋانلىق ۋە بۆلۈنۈشكە ئېلىپ بارىدىغان قۇتراتقۇلۇق قىلمىشلىرىنى قەتئىي رەت قىلىمەن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.