لىۋىيەدە كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 4 مىڭ 333 كە يەتتى

لىۋىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدا 10-سېنتەبىر (2023) يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 4 مىڭ 333 كە يەتتى.

2046502
لىۋىيەدە كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 4 مىڭ 333 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى لىۋىيە ئىشلىرى ئىشخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ھالە خۇدارى لىۋىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتى ھەققىدە توردا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

خۇدارى لىۋىيەدە يۈز بەرگەن بوران-چاپقۇن سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ 4 مىڭ 333 كە كۆپەيگەنلىكىنى، جەسەت توپلاش پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئاپەت رايونىدا 8500 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، قازا قىلغان 101 سەھىيە خادىمىنىڭ ئىچىدە 25 دوختۇرنىڭمۇ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ لىۋىيەدىكى سەھىيە تارماقلىرى ئۈچۈن زور يوقىتىش ھېسابلىنىدۇ.»

ئاقدېڭىزغا تەسىر كۆرسەتكەن ۋە 10-سېنتەبىر كۈنى لىۋىيەنىڭ شەرقىگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن «دانىيال» ناملىق بوران - چاپقۇن ئاپىتى، بىنغازى، بەيزا، مەرج، سۇسە ۋە دەرنە شەھەرلىرىدە كەلكۈن ئاپەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبە 11-سېنتەبىر كۈنى كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن دۆلەت مىقياسىدا ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلغانىدى.

 لىۋىيە پىرېزىدېنت كېڭىشىمۇ قېرىنداش دۆلەتلەر بىلەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى كەلكۈن ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىرغانىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى تەرىپىدىن 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، لىۋىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن 4 مىڭ 255 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 250 مىڭ كىشى تالاپەتكە ئۇچرىغان، 40 مىڭ كىشى ئۆي – ماكانلىرىدنن ئايرىلىپ قالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر