جەنۇبىي كورېيە بىلەن ياپونىيە «ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەت» يىغىنىنى قايتا باشلىدى

جەنۇبىي كورېيە بىلەن ياپونىيە ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تۇنجى قېتىم «ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەت» يىغىنى ئۆتكۈزدى.

2046823
جەنۇبىي كورېيە بىلەن ياپونىيە «ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەت» يىغىنىنى قايتا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىنى چاڭ خوجىن ۋە ياپونىيەلىك مەنسەپدىشى ئوكانو ماساتاكا جەنۇبىي كورېيەنىڭ پايتەختى سېئۇلدا كۆرۈشتى.

ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق «ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەت» يىغىنىدا، رايون ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەر شۇنداقلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

جەنۇبىي كورېيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەت قانىلى 2005-يىلى قۇرۇلغان، ئەمما ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە سوغۇقچىلىق پەيدا بولغاچقا، ئەڭ ئاخىرقى يىغىن 2014- يىلى ئۆتكۈزۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر