ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ماككارتى ھوقۇقىدىن ئايرىلدى

ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئۆز پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئاۋازى بىلەن ھوقۇقىدىن ئايرىلدى.

2046136
ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ماككارتى ھوقۇقىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى كېۋىن ماككارتى (Kevin McCarthy) جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ قوللىشى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاشتا، ھوقۇقىدىن ئايرىلدى.

ماككارتى ئامېرىكا يېقىنقى تارىخىدا ئۆز پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئاۋازى بىلەن ھوقۇقىدىن ئايرىلغان ئاۋام پالاتا باشلىقى بولۇپ قالدى.

ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى مات گائېتز (Matt Gaetz) نىڭ ماككارتى ئۈستىدىن سۇنغان تەكلىپ لايىھەسى، 210 غا قارشى 216 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.

 ماككارتى دېموكرالارنىڭ قوللىشىدىن باشقا، سەككىز جۇمھۇرىيەتچى ئەزانىڭ لايىھەگە قوللاپ بېلەت تاشلىشى سەۋەبىدىن ھوقۇقىدىن ئايرىلدى. ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن، ئاۋام پالاتاسىنىڭ نورمال ئەزاسى بولۇپ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا يېقىنقى 110 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقىنى ھوقۇقىدىن چۈشۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئاۋاز تاشلاش ئۆتكۈزۈلدى.

ئاۋام پالاتاسىدا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ئىچىدىكى رادىكال بىر گۇرۇپپا بىلەن ماككارتى ئارىسىدىكى يىرىكچىلىك ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى داۋام قىلىۋاتاتتى. بۇ گۇرۇپپا ئىچىدىن ئورۇن ئالغان فلورىدا ئىشتاتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى گائېتز يانۋار ئېيى (2023) دا ماككارتىنىڭ ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى بولۇشىغا قارشى چىققان ئىدى.

ماككارتى گائېتز ۋە ئۇ بار بولغان گۇرۇپپىغا بەزى مەسىلىلەردە يول قويۇشقا مەجبۇر بولغان بولۇپ، 15- قېتىملىق ئۆتكۈزۈلگەن پالاتادىكى سايلامدا ئۇتۇپ چىققان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر