ئىتالىيەدە بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ كەتتى

ئىتالىيەنىڭ مېسترې شەھىرى ئەتراپىدا بىر يولۇچى ئاپتوبۇسىنىڭ كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 21 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

2046036
ئىتالىيەدە بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، مېسترې شەھىرىدىن مارگېراغا قاراپ كېتىۋاتقان بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 15 مېتىر كېلىدىغان كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ كەتكەن.

ۋېنېدىك ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، ۋەقەدە دەسلەپكى مەلۇماتلارغا كۆرە 21 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 12 كىشى يارىلانغان ۋە 5-4 كىشىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان.

ئەسكەرتىلىشىچە، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى چەت ئەللىكلەر بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا ئۇكرائىنا پاسپورتلىرى تېپىلغان.

ئىتالىيە پىرېزىدېنتى سېرگىيو ماتتارېللا ۋېنېدىك شەھەر باشلىقى برۇگناروغا تېلېفون قىلىپ، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر