ئامېرىكا بىر سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە شىركىتىگە جەرىمانە قويدى

ئامېرىكا تۇنجى قېتىم ئالەمگە تاشلىۋېتىلگەن خەتەرلىك ئەخلەتلەر ۋە ئەخلەت قالدۇقلىرى سەۋەبىدىن تېلېۋىزىيە شىركىتىگە جەرىمانە قويدى.

2046109
ئامېرىكا بىر سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە شىركىتىگە جەرىمانە قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى فېدېراتسىيە ئۇچۇر-ئالاقە كومىتېتى (FCC) سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە شىركىتى بولغان دىش نېتۋورك (Dish Network) ئوربېتاغا قويۇپ بەرگەن تۆۋەن ئىقتىدارلىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ يوشۇرۇن خەۋپ پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 150 مىڭ دوللار جەرىمانە قويدى.

فېدېراتسىيە ئۇچۇر-ئالاقە كومىتېتىنىڭ ئالەمدىكى خەتەر لىك ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان جەرىمانە تەدبىرلىرى، ئالەمدىكى ئەخلەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA) يەر شارى ئوربېتاسىدا كەڭلىكى 10-1 سانتىمېتىرغىچە كېلىدىغان تەخمىنە 500 مىڭدىن ئارتۇق زەررىچە ۋە كەڭلىكى 1 مىللىمېتىردىن چوڭ بولغان 100 مىليوندىن كۆپ زەررىچىلەرنىڭ بارلىقى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ يىل (2023) نىڭ بېشىدىن تارتىپ ھېسابلىغاندا، يەر شارى ئەتراپىدا ئايلىنىۋاتقان 6 مىڭدىن ئارتۇق ئاكتىپ خىزمەت سۇنۇۋاتقان سۈنئىي ھەمراھنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاي 2007-يىلى 1999-يىلى قويۇپ بېرىلگەن «1C-فېڭيۈن» مېتېرولوگىيە سۈنئىي ھەمراھىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ پارچىلىۋەتكەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ «چوڭقۇر ئەندىشە» پەيدا قىلغانلىقى بىلدۈۈرلگەنىدى.

2009-يىلى ئامېرىكانىڭ بىر سۈنئىي ھەمراھى بىلەن رۇسىيەنىڭ بىر سۈنئىي ھەمراھىنىڭ سوقۇشۇپ كېتىشى، خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ ئالەمدە 2 مىڭدىن ئارتۇق سۈنئىي ھەمراھ پارچىسىنى پەيدا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەندىشەلەرگە سەۋەب بولغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر