ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئىستىكىنى قايتا تەكىتلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلىدىغان مۇناسىۋەت شەكلىنى ساقلاپ قېلىش ئىرادىسىنى تەكىتلىدى.

2045277
ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئىستىكىنى قايتا تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باياناتچىلىرىدىن ئانا پىسونېرو مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى باياناتلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇساپىسى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

تۈركىيە بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلىدىغان مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشنى، شەرقىي ئاقدېڭىزدا مۇقىم ۋە بىخەتەر مۇھىتنى قوغداشنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان پىسونېرو: «ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، خەلقئارا قانۇن ۋە رايون مۇقىملىقىغا ئالاقىدار ۋەدىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تەييار» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانى دائىرىسىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى- تۈركىيە مۇناسىۋىتى مۇساپىسىگە ئالاقىدار دوكلات ھازىرلارش خىزمەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، پات يېقىندا، تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك يىللىق دوكلاتنىڭمۇ ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئالدىنقى كۈنى (1-ئۆكتەبىر) تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى 28- نۆۋەتلىك 2- قانۇن چىقىرىش يىلىنىڭ ئېچىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن پارلامېنت ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «ئەگەر (ياۋروپا ئىتتىپاقى) نوقۇل ئېغىزدىلا قېلىۋاتقان تولۇق ئەزالىق مۇساپىسىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ بىلىدىغان ئىشى. بىز دېموكراتىيە، ئادالەت ۋە ئەركىنلىك جەھەتتە، زۆرۈر تېپىلغاندا، كوپېنھاگېن ئۆلچىمىنى ئەنقەرە ئۆلچىمىگە ئالماشتۇرۇپ، يولىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر