گۇتېررېس ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك تەرىپىدىن ئالدىنقى كۈنى پايتەخت ئەنقەرەدە سادىر قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

2045292
گۇتېررېس ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت بايانات ئىشلىرى ئىشخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ب د ت باش كاتىپى ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيدۇ» دېدى.

باش كاتىپ ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ يارىدارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلىگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «باش كاتىپ ب د ت نىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن تولۇق ھەمنەپەس ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلەيدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر