ئىسپانىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 13 كە يەتتى

تۈنۈگۈن (1-ئۆكتەبىر) ئىسپانىيەدىكى بىر كېچىلىك بەزمىخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 13 كە يەتتى.

2044993
ئىسپانىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 13 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان مورىكا شەھىرىدە تۈنۈگۈن بىر كېچىلىك بەزمىخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئالتە ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، تۆت كىشىنىڭ ئىس-تۈتەكنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر باياناتتا، كېچىلىك بەزمىخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 13 كە يەتكەنلىكى جاكارلاندى.

مورىكا شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تېخىچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر