ئامازوندا يۇنۇس بېلىقلىرىنىڭ ئۆلۈكى تېپىلدى

ئامازون سۈيىنىڭ بەزى جايلاردا 39 گىرادۇستىن يۇقىرى بولۇشى سەۋەبىدىن يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 100 دىن ئارتۇق يۇنۇس بېلىقىنىڭ ئۆلۈكى تېپىلدى.

2044939
ئامازوندا يۇنۇس بېلىقلىرىنىڭ ئۆلۈكى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا س ن ن (CNN) تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بىرازىلىيە بىلىم، تېخنولوگىيە ۋە يېڭىلىق يارىتىش مىنىستىرلىقىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان مامىراۋ ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەلۇماتتا، ئۆلۈك يۇنۇس بېلىقلىرىنىڭ ھەممىسى تېفې كۆلىدىن تېپىلغان.

مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ قۇرغاقچىلىق ۋە تېفې كۆلىنىڭ بەزى جايلىرىدا 39 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن سۇ تېمپېراتۇراسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەسئۇل دائىرىلەر، بىر قانچە ھەپتە ئىچىدىمۇ يۇنۇس بېلىقلىرىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولىدىغان قاتتىق قۇرغاقچىلىقنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامازون ئورمانلىرىدا يېقىنقى كۈنلەردە ھۆل-يىغىن يېتەرلىك دەرىجىدە ياغمىدى.

بىرازىلىيەنىڭ ئامازون ئورمانلىرىدىكى قۇرغاقچىلىقنىڭ تەسىرىگە 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۇچرىدى.

بىرازىلىيە دۆلەت مىنىستىرى لۇئىز ئىناسىيو لۇلا سىلۋا رايونغا 20 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجرىتىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر