نىگېرىيەدە ماي باكلىق ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 20 ئادەم قازا قىلدى

نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دېلتا ئۆلكىسىدە ماي باكلىق ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 20 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

2044951
نىگېرىيەدە ماي باكلىق ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 20 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دېلتا ئۆلكىسىنىڭ ۋاررى-بېنىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا ماي باكلىق ئاپتوموبىل نامەلۇم سەۋەب بىلەن پارتلىغان.

پارتلاشتا 20 ئادەم قازا قىلغان، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان، بەزى ئۆيلەر زىيانغا ئۇچرىغان.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدىن كېيىن رايونغا ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى ئەۋەتىلگەن، ھەمدە ۋەقە تەكشۈرۈلۈشكە باشلانغان.

پارتلاش نەتىجىسىدە يارىلانغانلار دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قازا قىلغانلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىش خەۋپى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر