ئامېرىكادا ۋاقىتلىق خامچوت قانۇن لايىھەسى تەستىقلاندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاقىتلىق خامچوت قانۇن لايىھەسى تەستىقلاندى.

2044547
ئامېرىكادا ۋاقىتلىق خامچوت قانۇن لايىھەسى تەستىقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋاقىتلىق خامچوت قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىدى.

بايدىن 2023- يىللىق مالىيە يىلىنىڭ ئاخىرلىشىشقا بىر سائەتتىن ئاز ۋاقىت قالغاندا ھۆكۈمەتنى 45 كۈنلۈك مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان ۋاقىتلىق خامچوت قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىدى. شۇنىڭ بىلەن، ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان بولدى.

ۋاقىتلىق خامچوت قانۇن لايىھەسى جۇمھۇرىيەتچىلەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان ئاۋام پالاتاسىدا 91 گە 335 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغان، دېموكراتلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان كېڭەش پالاتاسىدىمۇ 9 غا قارشى 88 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلغانىدى.

بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، 17-نويابىرغىچە فېدېراتسىيە ئورگانلىرى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پالاتاغا 2024-يىللىق مالىيە يىلى خامچوتى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىلىدۇ.

ۋاقىتلىق خامچوت قانۇن لايىھەسى بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نارازىلىقى نەتىجىسىدە ئۇكرائىناغا يېڭى ياردەملەرنى بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

بايدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇكرائىناغا بېرىلىۋاتقان ياردەملەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىغا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر