گانادا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 20 ئادەم قازا قىلدى
گانانىڭ ئوتى ۋىلايىتىدە ئاپتوبۇس بىلەن مىنىبۇس سوقۇلۇپ كېتىپ 20 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
2044596
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گانا دۆلەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئوتى ۋىلايىتىدىكى پېكى-ئادزوكېئو يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى مىنىبۇسقا سوقۇلۇپ كەتكەن.
دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، ھادىسىدە 20 ئادەم قازا قىلغان، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، داۋالىنىۋاتقانلاردىن بەزىلىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.