ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۇكرائىناغا يېڭى ياردەم قىلىش پىلانىنى قوبۇل قىلدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۇكرائىناغا 300 مىليون دوللار قىممىتىدىكى يېڭى ياردەم تەكلىپ پىلانىنى قوبۇل قىلدى.

2044023
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۇكرائىناغا يېڭى ياردەم قىلىش پىلانىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) خامچوتىدىن ئايرىپ، يېڭى پىلان-لايىھەگە ئۆزگەرتىلگەن، ئۇكرائىناغا 300 مىليون دوللار قىممىتىدە ياردەم قىلىش تەكلىپ قىلىنغان لايىھەنى قوبۇل قىلدى.

تەكلىپ پالاتادا 117 گە قارشى 311 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.

ئۇكرائىناغا قىلىنىدىغان ياردەملەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 2024-يىللىق خامچوتىغا قوشۇۋېتىلىشى، جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يىرىكچىلىكلەرگە سەۋەب بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر