غەننۇشىنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىشنى باشلايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى

تۇنىس پارلامېنتىنىڭ سابىق رەئىسى، ئەننەھدە ھەرىكىتى رەھبىرى راشىد غەننۇشىنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

2043916
غەننۇشىنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىشنى باشلايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەننۇشىنىڭ سىياسىي مەسلىھەتچىسى رىياد شۇئەيبى، تۇنىس دېموكراتىيەسىنىڭ «چېكىنىپ كېتىشى»گە نارازىلىق بىلدۈرگەن غەننۇشىنىڭ بۈگۈندىن تارتىپ ئاچلىق ئېلان قىلىشنى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى؛ ئۇ «سىياسىي پائالىيەتچىلەرگە زەربە بېرىشكە خاتىمە بېرىلىشى ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى» تەلىپىنىڭمۇ غەننۇشىنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىش سەۋەبلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۇنىستا «ئۆكتىچىلەرنى قورقۇتۇشنى نىشان قىلغان»لىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان قولغا ئېلىش ھەرىكەتلىرى 11 – فېۋرالدا باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئونلارچە سىياسەتچى، ژۇرنالسىت، پائالىيەتچى، سوتچى ۋە سودا - سانائەتچى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە سۇيىقەست قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى.

بىر يىغىندا قىلغان سۆزى سەۋەبىدىن «خەلقنى ئىچكى ئۇرۇشقا يېتەكلەش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنپ، 17 – ئاپرېل ئۆيىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئەننەھدە ھەرىكىتى رەھبىرى غەننۇشى، تۇنىسلىقلارنىڭ نارازىلىقلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە قارىماي، ساقچىلارنىڭ 48 سائەتلىك سوراق قىلىشىدىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە سۇلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر