ب د ت: پەلەستىن مەسىلىسىدە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باياناتچىسى ئىستېفان دۇجاررىك، ب د ت نىڭ ئىسرائىلىيە- پەلەستىن مەسىلىسىدە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2043347
ب د ت: پەلەستىن مەسىلىسىدە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باياناتچىسى دۇجاررىك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ 78 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدىكى سۆزى جەريانىدا، پەلەستىن زېمىنلىرىنى ئىسرائىلىيە چېگراسى ئىچىگە ئالغان بىر خەرىتىنى قوللىنىشىغا بىلدۈرۈلگەن نارازىلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «بىز ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا نېمىلەرنى دېگەنلىكى ياكى نېمىلەرنى كۆرسەتكەنلىكىگە ئارىلاشمايمىز ۋە ئارىلىشىشنىمۇ خالىمايمىز» دېدى.

دۇجاررىك مەزكۇر خەرىتىنىڭ ب د ت نىڭ مەيدانىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «بىز ھەر مۇھىتتا ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئۇ پەلەستىن دائىمىي ۋەكىلىنىڭ نېتانياھۇنىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن مەكتۇپىنىڭ ب د ت باش كاتىپىغا يېتىپ كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى تېخى جەزملەشتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ ب د ت نىڭ مەيدانىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر