ئامېرىكا كۇبا ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كۇبانىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

2042502
ئامېرىكا كۇبا ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كۇبانىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلارغا ھۇجۇم قىلىنىشىنى قوبۇل قىغىل بولمايدۇ. كۇبا ئەلچىخانىسى دائىرىلىرى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتىمىز.»

 كۇبا دىپلوماتىيە مىنىستىرى برۇنو رودرىگۇئېز پاررىلا ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، كۇبانىڭ ۋاشىنگىتون ئەلچىخانىسىنىڭ يەكشەنبە كۈنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» غا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر