ۋېنگىرىيە: شىۋېتسىيەنىڭ ناتو ئەزالىقىنى تەستىقلاشقا ئالدىرىمايمىز

ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزالىقىنى تەستىقلاشقا ئالدىراشقا كېرەك يوقلۇقىنى ئېيتتى.

2042102
ۋېنگىرىيە: شىۋېتسىيەنىڭ ناتو ئەزالىقىنى تەستىقلاشقا ئالدىرىمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ئوربان ۋېنگىرىيە پارلامېنتىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «شىۋېتسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان  بىر ئەھۋال يوق، شۇڭا شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزالىقىنى تەستىقلاشقا ئالدىراش كېرەك ئەمەس» دېدى.

ۋېنگىرىيە ئىيۇن ئېيىدا شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنى تەستىقلاش يىغىنىنىڭ كۈزگە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

2022 – يىلى 24 – فېۋرال رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشىدىن كېيىن، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيە نەچچە ئون يىللىق ھەربىي بىتەرەپلىك سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرغانىدى.

بۇ ئىككى دۆلەت ئۆتكەن يىلى ماي ئېيىدا ناتوغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغانىدى.

فىنلاندىيە ۋەدىسى بويىچە ئەزا بولۇش شەرتىنى ئادا قىلغانلىقى ئۈچۈن، 4-ئاپرېل (2023) ناتونىڭ 31-ئەزاسى بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر