گىۋاتېمالادا كەلكۈن ئاپىتىدە ئالتە ئادەم قازا قىلدى

گىۋاتېمالانىڭ پايتەختى گۋاتېمالا شەھىرىدە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن ئالتە ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 13 ئادەم يوقاپ كەتتى.

2042197
گىۋاتېمالادا كەلكۈن ئاپىتىدە ئالتە ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى گۋاتېمالادا قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە پايتەخت گىۋاتېمالا شەھىرىدىكى لاس ۋاكاس دەرياسى تاشتى، ئالتە ئۆي سۇ ئاستىدا قالدى.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەلكۈن ئاپىتىدە ئالتە كىشى قازا قىلغان، 13 كىشى يوقاپ كەتكەن.

گىۋاتېمالا ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىدىن سېرگىيو كاباناس بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق  دېگەن: «ھازىر بىر قىز بالا ۋە قورامىغان يەتكەن بەش كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپتۇق، بەلكىم تېخىمۇ كۆپ جەسەتلەرنى تېپىشىمىز مۇمكىن.»

ئىگىلىنىشىچە، رايوندا ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر