گانادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
گانادا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 9 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
2040997
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇسىگا رايونىنىڭ ۋالىيسى زۇبەيرۇ ئابدۇلەينىڭ بىلدۈرۈشىچە، سالاھىيىتى تېخى بولمىغان قوراللىق كىشىلەر گانانىڭ توگو چېگراسىدىكى پۇسىگا رايونىنىڭ جىنكاسسې كەنتىدە تىجارەتچىلەر ئولتۇرغان ئاپتوموبىلغا ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇم نەتىجىسىدە 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا كىشى يارىلانغان.