بىريۇسسېلدا بۇ يىلمۇ بىر كۈن بويىچە ئاپتوموبىللار قاتناشتىن توختىتىلدى

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا كىشىلەر بۇ يىلمۇ بىر كۈن بويىچە ئاپتوموبىل قاتنىشىنى توختىتىپ، بوش يوللارمىڭ پەيزىنى سۈردى.

2038521
بىريۇسسېلدا بۇ يىلمۇ بىر كۈن بويىچە ئاپتوموبىللار قاتناشتىن توختىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ھەر يىلى سىنتەبىرنىڭ 3-ھەپتىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئاممىۋى قاتناش ۋە باشقا پاكىز قاتناش چارىلىرىنى قوللاش ئۇچۇن پوزىتسىيە ئۆزگەرتىش پىلانى دائىرىسدە «ياۋروپا ھەرىكەت ھەپتىلىكى» سۈپىتىدە تەبرىكلىنىىپ كەلمەكتە.

بۇ دائىرىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى ھېسابلىنىدىغان بىريۇسسېلدا مەزكۇرھەپتىنىڭ بىرىنچى يەكشەنبە كۈنى كوچا ۋە يوللار ئاپتوموبىللارغا تاقالدى.

بىريۇسسېلدا يەكشەنبە كۈنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 09.30 دىن 23:00 كىچە  كوچىلار، بوش قالغان يوللارنىڭ پەيزىنى سۈرىدىغان پىيادىلەر، ۋېلىسىپىت مىنگۈچىلەر، موتوسىكلىت مىنگۈچىلەر، مۇز تېيىلىش ۋە تېيىلىش تاختىسى ماھىرلىرى بىلەن تولدى.

يوللاردا يەككە ۋېلىسىپىت مىنگەنلەردىن باشقا يەنە، زەنجىرسىمان سەيلە قىلىدىغان تەنتەربىيە گۇرۇپپىلىرى، ئاتا-ئانىلىرى ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئۆگىتىۋاتقان ئۆسمۈرلەر، ۋېلىسىپىت سۆۋىتىدە سەيلە قىلدۈرۈلىۋاتقان ئىتلارمۇ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر