ئىتالىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە  ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ بىر كىچىك بالا قازا قىلدى

ئىتالىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچۇش نۇمۇرى كۆرسىتىش ئەترىتى «Frecce Tricolori» غا تەۋە  ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە بىر كىچىك بالا قازا قىلدى.

2038350
ئىتالىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە  ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ بىر كىچىك بالا قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىتالىيە ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يىل بويى ئىتالىيە شەھەرلىرى ئاسمىنىدا سالام بېرىش ئۇچۇشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاۋىئاتسىيە ئەترىتى «Frecce Tricolori» غا تەۋە ئايروپىلان ۋېركېللى ۋە كوللېگنو شەھەرلىرىدە پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن رېپېتىتسىيە قىلىش ئۈچۈن تۇرىن كاسېل ئايرودورومىدىن ئۇچۇش جەريانىدا چۈشۈپ كەتتى.

«Frecce Tricolori» ئەترىتىدىن كەلگەن ئايروپىلانلار كەچتە رېپېتىتسىيە قىلىش ئۈچۈن بەشلىك ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئۇچقان ۋە ئۇچۇش جەريانىدا كونتىرولىنى يوقىتىپ قويۇپ چۈشۈپ كەتكەن. ئايروپىلاننىڭ ئۇچقۇچىسى چاچراش ئورۇندىقى سايىسىدا ئايروپىلاندىن ئايرىلىپ قۇتۇلۇپ قالغان.

ئۇچقۇچىنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقى ۋە دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن چاغدا نەق مەيداندىكى 2 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 كىشىلىك ئائىلىدىن 5 ياشلىق بىر قىزنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، قالغان ئائىلىدىكىلەرنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، «Frecce Tricolori» ئەترىتىنىڭ بارلىق ئۇچۇشلىرى توختىتىلدى. كاسېل ئايرودورومىمۇ ئاۋىئاتسىيە تىرانسپورتىغا ۋاقىتلىق تاقالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر