ئەل چاپونىڭ ئوغلى ئامېرىكاغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى

مېكسىكالىق زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ​​خوجايىنى «El Chapo» نىڭ ئوغلى ئوۋىدىيو گۇزمان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

2038139
ئەل چاپونىڭ ئوغلى ئامېرىكاغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، مېكسىكالىق زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ​​خوجايىنى ئەل چاپونىڭ ئوغلى گۇزمان مېكسىكا دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئامېرىكاغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، گۇزمان سىنالوئا گورۇھىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە پۇل يۇيۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىكەن.

ۋاشىنگىتوننىڭ قارىشىچە، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى گۇرۇھلىرىدىن بىرى بولغان سىنالوئا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى فانتانىل ئەتكەسچىلىكىنىڭ باش جاۋابكارى ئىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 2021-يىلى 12-ئايدىن بۇيان گۇزماننى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەنلەرگە 5 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ۋە بۇ جەھەتتە مېكسىكاغا بېسىم ئىشلەتكەنىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئەڭ كۆپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىرىدىن بىرى بولغان سىنالوئا شايكىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن 28 ياشلىق ئوۋىدىيو گۇزمان 5-يانۋار كۈنى مېكسىكانىڭ شىمالىدىكى كۇلىياكان شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتى داۋامىدا قولغا ئېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر