مارك مىللېي ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك مارك مىللېي دۆلىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشىنىڭ «كۆڭۈلدىكىدەك ئاخىرلاشمىغانلىقى»نى، تېخىمۇ كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېيتتى.

2037901
مارك مىللېي ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى مىللېي ABC قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشى ۋە 2021- يىلى بۇ دۆلەتتىن چېكىنىشى ھەققىدە توختالدى.

ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش توغرىسىدا: «ئارزۇيۇمدىكىدەك ئاخىرلاشمىدى، ھېچقايسىمىزنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك ئاخىرلاشمىدى» دېگەن مىللېي، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «دۈشمەن سىز قوللاۋاتقان بىر پايتەختنى ئىشغال قىلغىنىدا، بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئوڭۇشسىزلىق، ئىستراتېگىيەلىك مەغلۇبىيەتتۇر... تېخىمۇ كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولدۇق. بىزنىڭ تالىبان ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقىنىمىزغا 20 يىلدىن ئاشقانىدى. ئۇلار، مېنىڭ ھازىر توختىلىشقا ۋاقتىم يەتمىگۈدەك كۆپ سەۋەبلەر تۈپەيلى پايتەختتە غەلىبە قىلدى. ئەلۋەتتە، كۆپىنچىمىز 11- سېنتەبىر (2001 – يىلى ئەلقائىدە ھۇجۇملىرى) ۋەقەسىدىن بۇيان نۇرغۇن پۇشايمانلارنى قىلدۇق» دېدى.

«ئۇرۇشلار ئاخىرقى 10 كۈن ياكى 10 ئاي ئىچىدە قولدىن كەتمەيدۇ. تىپىكلەشتۈرۈپ ئېيتقاندا، بۇلار ئۇزۇن يىللار جەريانىدىكى نۇرغۇن بۇرۇلۇش ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ جۇغلانما تەسىرى» دېگەن گېنېرال – پولكوۋنىك مىللېي، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن تېخىمۇ بالدۇر چېكىنمىگەنلىكىنىڭ خاتالىق ئىكەنلىكى ۋە چېكىنمىگەنلىكى ئۈچۈن قىلىنغان پۇشايمانلارغا قوشۇلىدىغان ياكى قوشۇلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا: «ئەلۋەتتە، 11- سېنتەبىردىن بۇيان ئافغانىستاندا 2400 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى؛ پەقەت كابۇل ئايرودرومىدىكى (2021 – يىلى) ھۇجۇمدا  13 ئەسكىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق. ئەلۋەتتە نۇرغۇن پۇشايمانلار بار. مەن يوقىتىپ قويغان ھەر بىر ئەسكەرنىڭ ئۆزى بىر پۇشايمان» دەپ جاۋاب بەردى.

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 20 يىل بويىچە ئافغانىستان مەنبەلىك ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى، ئافغانىستان خەلقىگە تېخىمۇ گۈزەل ھايات كەچۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان مىللېي، خاتالىقلارغا قارىماي، 124 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغان چېكىنىش جەريانىغا «كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئارقا سەپ مۇۋەپپەقىيىتى» دەپ باھا بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر