گۇتېررېس: قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورىنى جانلاندۇرۇش ئىرادەم قەتئىي

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورىنى جانلاندۇرۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى، بۇ دائىرىدە داۋاملىق ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2037351
گۇتېررېس: قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورىنى جانلاندۇرۇش ئىرادەم قەتئىي

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى ب د ت بىناسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ۋە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشىدىغانلىقىنى، ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرىنى قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى مەسىلىسىدە ئۈمىدۋارمەن، ياكى بۇ ھەقتە مەن ئۈمىدسىز دېيەلمەيمەن، مېنىڭ بىردىنبىر دېيەلەيدىغىنىم شۇكى، قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورىنى جانلاندۇرۇش ئىرادەم قەتئىيدۇر.»

گۇتېررېس رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارغا خىلاپلىق قىلماستىن، رۇسىيە ئاشلىقى ۋە ئوغۇتىنى، شۇنداقلا ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى ئېكسپورت قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

باش كاتىپ گۇتېررېس ئۇكرائىنادىكى تىنچلىق سۆھبىتى ھەققىدە توختالغاندا، مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئويناش پۇرسىتىدىن ئىنتايىن جۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئەمما مېنىڭچە بىز يەنىلا بۇ نۇقتىدىن خېلىلا يىراقتىمىز.»

گۇتېررېس ئۇكرائىنادا «ھەرقانداق بىر تىنچلىق» نى قوللىمايدىغانلىقلىرىنى، ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسى ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا ماس كېلىدىغان ئادىل تىنچلىقنى قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر