بىرازىلىيەدىكى بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە 48 ئادەم قازا قىلدى

بىرازىلىيەدە 9-ئاينىڭ 6-كۈنى يۈز بەرگەن ئىسسىق بەلۋاغ بورىنى ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 48 گە، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 46 گە يەتتى.

2037194
بىرازىلىيەدىكى بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە 48 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيە خەلق مۇداپىئەسى ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسسىق بەلۋاغ بورىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر كۆچۈش ۋە كەلكۈن ئاپەتلىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 48 گە، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 46 گە يەتكەن، 924 كىشى يارىلانغان، 340 مىڭ كىشى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان، كۆۋرۈك، يول ۋە ئۇل ئەسلىھەلەر ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.

 بىرازىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رىيو گراندې دو سۇل رايونىدىكى 93 يېزا بوران – چاپقۇننىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر