ياۋروپا ئىتتىپاقى: تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز ئىنتايىن مۇھىم

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ قوشنىدارچىلىق ۋە كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى ئولىۋېر ۋارھېليى تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېيتتى.

2036728
ياۋروپا ئىتتىپاقى: تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز ئىنتايىن مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ قوشنىدارچىلىق ۋە كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى ئولىۋېر ۋارھېليى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ھەمدە تاموژنا ئىتتىپاقى، ۋىزا قولايلىقى، ئېنېرگىيە، تېخنولوگىيە، سېلىنما، ئاشلىق بىخەتەرلىكى  قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆزئارا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تېز ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەييارلىغان 2022-يىللىق تۈركىيە دوكلاتى مۇزاكىرە قىلىندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ قوشنىدارچىلىق ۋە كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى ئولىۋېر ۋارھېليى يىغىندا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «بىزگە نىسبەتەن تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز ئىنتايىن مۇھىم. تۈركىيە ھازىرمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نامزات دۆلەت. شۇنداقلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى، يېقىن قوشنا، ئوتتۇرا شەرق، جەنۇبىي كاۋكاز، قارادېڭىز رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى جەھەتتىن مۇھىم شېرىك دۆلەت.»

ئولىۋېر ۋارھېليى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى، «رەقەملىك ۋە يېشىل ئۆتكۈنچى» ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، كۆچمەنلىك ۋە كۆچمەنلەرگە ياردەم بېرىش قاتارلىق ھەر خىل ساھەلەردە مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم يوشۇرۇن كۈچ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ كېچەلىكى مەسىلىسى ئورتاق تونۇشقا موھتاج. مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئوتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. تاموژنا ئىتتىپاقى، ۋىزا قولايلىقى، ئېنېرگىيە، تېخنولوگىيە، سېلىنما ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى بىز تېز تەرەققىي قىلالايدىغان ساھەلەرنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.»

ۋارھېليى تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كۆچمەنلەرگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ھەقتە تۈركىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمى توغرىلىقمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ۋە ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللاۋاتقانلىقىدىن، ھەمدە دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر