لىۋىيەدە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، 2000 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى

لىۋىيەنىڭ شەرقىدە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى؛ پەقەت دەرنە شەھىرىدىلا 2000 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى.

2036013
لىۋىيەدە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، 2000 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى «ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى» ئۇسامە ھەمماد مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، پەقەت دەرنە شەھىرىدىلا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 2000 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە شەھەر ۋەزىيىتىنى «پاجىئە» دپ ئاتىدى.

رايوندىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىسام ئەبۇ زەرىبە، دەرنە شەھىرىدە ياغقان قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان 1500 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقىنى، يوقاپ كەتكەنلەر سانىنىڭ 7 مىڭغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دەرنە شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەجلىسى ئەزاسى ئەھمەد ئەمدۇر ئۆزىنىڭ فېيسبۇكتىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، شەھەردىكى نۇرغۇن بىنا ۋە تۇرالغۇلارنىڭ پۈتۈنلەي سۇ ئاستىدا قالغانلىقىنى، كەلكۈننىڭ ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئېقىتىپ كەتكەنلىكىنى، ئاساسلىق يوللارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى، ئاممىۋى ۋە خۇسۇسىي مال – مۈلۈكلەرنىڭ زور زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى باياناتچىسى مۇھەممەد ھاممۇدە دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن ئۆتكۈزۈلگەن پەۋقۇلئاددە ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ھاممۇدە، مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، جەبەل ئەلئەخدەر رايونىدا خاتىرىلەنگەن ھۆل-يېغىن مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 400 مىللىمېتىرغا يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ لىۋىيەدە 40 يىلدىن بۇيان كۆرۈلگەن ئەڭ يۇقىرى ھۆل-يېغىن مىقدارى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبەنىڭ كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن ئۈچ  كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھاممۇدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بايراقلارنىڭ يېرىم چۈشۈرۈلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بۇ ئارىلىقتا، باش مىنىستىر دىبەيبە خەلقئارا جەمئىيەتنى كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

ناچار ھاۋارايى شارائىتى لىۋىيەنىڭ بىنغازى، بەيدا، مەرك ۋە سۇسە شەھەرلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر