دۇنيا جامائەتچىلىكى قاراباغدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاتالمىش «پىرېزىدىنت سايلىمى»غا نارازىلىق بىلدۈردى

دۇنيا جامائەتچىلىكى ئەزەربەيجانغا قاراشلىق قاراباغ رايونىنىڭ ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاتالمىش «پىرېزىدېنت سايلىمى»نى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2036353
دۇنيا جامائەتچىلىكى قاراباغدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاتالمىش «پىرېزىدىنت سايلىمى»غا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماتېۋ مىللېر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مىللېر، تەرەپلەرنى يەنە  بىر قېتىم لاچىن كارىدورى بىلەن ئاغدام يولىنى ئېچىشقا چاقىردى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ئىلگىرىمۇ ئېيتقىنىمىزدەك، بىز قاراباغ رايونىنى مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلمايمىز. شۇڭا، ئاتالمىش ​​پىرېزىدېنت سايلىمى نەتىجىسىنىمۇ ئېتىراپ قىلمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

گىرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئەزەربەيجانغا قاراشلىق قاراباغ رايونىنىڭ ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاتالمىش ​​«پىرېزىدېنت سايلىمى»نى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، گىرۇزىيەنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئەزەربەيجانغا قاراشلىق قاراباغ رايونىنىڭ ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاتالمىش ​​«پىرېزىدېنت سايلىمى»نى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۆزبېكسىتان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، ئۆزبېكسىتاننىڭ ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى كۈچلۈك شەكىلدە قوللايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

قاراباغدا قانۇنسىز تۇرۇۋاتقان ئەرمېنىيە كۈچلىرى 9- سېنتەبىر ئۆز كونتروللۇقىدىكى جايلاردا ئاتالمىش ​​«پىرېزىدېنت سايلىمى» ئۆتكۈزگەنىدى.

ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى بولسا، قاراباغدىكى ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ ئۆز كونتروللۇقىدىكى يەرلەردە ئۆتكۈزگەن ئاتالمىش ​​سايلامنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا «دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە قىلىنغان ھۇجۇم خاراكتېرلىك قىلمىش» دەپ باھا بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر