لىۋىيە باش مىنىستىرى قاتار ئەمىرى بىلەن كۆرۈشتى

لىۋىيە باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبە دوھادا قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال تانى بىلەن كۆرۈشتى.

2035452
لىۋىيە باش مىنىستىرى قاتار ئەمىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا، قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشقا ئالاقىدار يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، «باش مىنىستىر دىبەيبە بىلەن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىمنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئېلېكتىر، قۇياش ئېنېرگىيەسى، ئۇل - ئەسلىھە، قاتناش ۋە تەنتەربىيە قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەر بويىچە ئورتاقلىق ۋە ھەمكارلىق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى» دېيىلدى.

ئۇچرىشىشىتا ئۆزئارا مۇناسىۋەت، رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق سىياسىي ۋەزىيەتتىن باشقا يەنە، ئورتاق مەنپەئەت مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ماسلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سۇداندىكى توقۇنۇشنى تۈگىتىش شۇنداقلا ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى قوللاشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.


خەتكۈچ: #قاتار , #لىۋىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر