ماراكەشتىكى يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 12 گە يەتتى

ماراكەشتىكى يەر تەۋرەش مەركىزى بولغان ماراكەش شەھىرىگە قاراشلىق ئەل-خۇز رايونىدا يۈز بەرگەن 7 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 12 گە يەتتى.

2035222
ماراكەشتىكى يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 12 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 2 مىڭ 12 گە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 2 مىڭ غا يەتكەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە 1404 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ماراكەش پادىشاھى 6 - مۇھەممەد تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن دۆلەتتە 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلغان ئىدى.

قازا قىلغانلارنىڭ ئەل-خۇز رايونى ، تارۇدانت، شىشاۋا، ۋەرزازات، ماراكەش، ئازىلا، ئاغادىر، كاسابلانكا ۋە يۇسىفىييە رايونىدا رۇيخەتكە ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ماراكەش قوراللىق قىسىملىرى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر، بىخەتەرلىك قىسىملىرى ۋە خەلق مۇداپىئە ئەترەتلىرى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.  

يەر تەۋرەش رايونلىرىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش ئۈچۈن بارلىق ۋاسىتىلەرنىڭ سەپەرۋەر قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ماراكەش تاراتقۇلىرى ئالدىنقى كۈنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 23:10 دە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ پايتەخت راباتتا شۇنداقلا كاسابلانكا، مېكنېس، ئاغادىر ۋە فېس شەھەرلىرىدە كۆرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر