سانچېزنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

كوۋىد – 19 ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغانلىقى جەزملەشكەن ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز 9-، 10- سېنتەبىر كۈنلىرى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشمايدۇ.

2034781
سانچېزنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن كوۋىد -19 تەكشۈرۈشى قىلغۇزغان باش مىنىستىر سانچېزنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسپانىيە باش مىنىستىرلىك مەنبەلىرى، سانچېزنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، مادرىدتىكى تۇرالغۇسىدا خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە 9-، 10- سېنتەبىر كۈنلىرى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 8- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 27- كۈنىگىچە ئىسپانىيەدە 508 مىڭ 744 كىشى كوۋىد – 19 سىنىقى قىلدۇرغان بولۇپ، بۇ ئىككى ئاي ئىلگىرىكىگە سانلىق مەلۇماتلارغا سېلىشتۇرغاندا، تەكشۈرتۈش نىسبىتىنىڭ %500 ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر