ۋېنىتسىيە شەھەرلىك ھۆكۈمىتى شەھەرگە كىرگەنلەردىن كۈنلۈك كىرىش ھەققى ئالدىغان بولدى

ئىتالىيەدە، ۋېنىتسىيە شەھەرلىك ھۆكۈمىتى 2024-يىلى شەھەرگە كىرىدىغان ساياھەتچىلەردىن كۈنلۈك كىرىش ھەققى ئېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

2034310
ۋېنىتسىيە شەھەرلىك ھۆكۈمىتى شەھەرگە كىرگەنلەردىن كۈنلۈك كىرىش ھەققى ئالدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ۋېنىتسىيە شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، شەھەرلىك ھۆكۈمەت شەھەردىكى ساياھەتچىلەر زىچلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن  2024-يىلى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولىدىغان كۈنلەردە ساياھەتچىلەردىن شەھەرگە كىرىش ھەققى ئالىدىغان بولدى. بۇ سىناق يىل بويى 30 قېتىم ئايرىم ئايرىم كۈنلەردە يولغا قويىلىدىغان بولۇپ، شەھەرگە كىرىش ھەققى 5 ياۋرو بولىدۇ.

شەھەر ئاھالىلىرى، ئىشچىلار، ئوقۇغۇچىلار، 14 ياشتىن تۆۋەن بالىلار ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغانلار ھەق تۆلەشتىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت كېڭىشىغا يوللانغان بۇ قارار 9-ئاينىڭ 12-كۈنى تەستىقلىنىپ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ۋېنىتسىيە شەھەر باشلىقى لۇيىگى برۇگنارو يېڭى بەلگىلىمىنىڭ شەھەرنى تاقىغانلىق بولمايدىغانلىقىنى، ئەمما مەلۇم مەزگىللەردە ساياھەت زىچلىقىنى تەڭشەش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ۋېنىتسىيەدە ئالدىنقى يىللاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بەلگىلىمىلەر كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولسىمۇ، ئوخشىمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىجرا قىلىنمىغان ئىدى.  

ۋېنىتسىيە ئۆستەڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە قۇرۇلمىسى بىلەن ھەر يىلى مىليونلىغان ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر