تۇنىسنىڭ سابىق باش مىنىستىرى جىبالى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

تۇنىسنىڭ سابىق باش مىنىستىرلىرىدىن ھەممادى ئەل جىبالىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

2033514
تۇنىسنىڭ سابىق باش مىنىستىرى جىبالى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىبالىنىڭ رەپىقىسى ۋاھىدە ترابەلسى پۇقراچە كىيىنگەن بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ يولدىشىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئەتىگەن سائەت 8 ئەتراپىدا ئۆيىمىزگە بېسىپ كىرىپ، ھەممادى ئەل جىبالىنى ھېچقانداق سەۋەبسىزلا قولغا ئالدى. بىخەتەرلىك قىسىملىرى جىبالىنىڭ لاۋىنادىكى دۆلەت مۇداپىئە گازارمىسىدا سوراق قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى» دېدى.

ترابەلسى ھەممادى ئەل جىبالىنىڭ يېقىندا ئوچۇق يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغانلىقىنى، سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئەننەھدە ھەرىكىتى ئەزاسى جىبالى 2011- يىلى 12- ئايدىن 2013- يىلى 2- ئايغىچە تۇنىس باش مىنىستىرى بولغانىدى.

2022- يىلى مايدا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «خەتەرلىك بۇيۇملارنى ساقلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئايالى بىلەن بىرلىكتە قولغا ئېلىنغان جىبالى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى تۈپەيلى شۇ كۈنىلا قويۇپ بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر