نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 7 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كاتسىنا شەھىرىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 7 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
2033721
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، نەمەلۇم قوراللىقلار كاتسىنا ئۆلكىسىنىڭ دوكا رايونىغا ھۇجۇم قىلغان.
ھۇجۇم نەتىجىسىدە بىر ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان، 12 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.