سېرگېي شويگۇ ئۇكرائىنانىڭ قايتۇرما ھۇجۇملىرىنىڭ نىشانىغا يېتەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ئۇكرائىنانىڭ قايتۇرما ھۇجۇملىرىنىڭ ھېچ بىر نىشانىغا يېتەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

2033443
سېرگېي شويگۇ ئۇكرائىنانىڭ قايتۇرما ھۇجۇملىرىنىڭ نىشانىغا يېتەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، شويگۇ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرى بىلەن سىنئالغۇ يىغىنى چاقىرغان.

شويگۇ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ پۈتكۈل لىنىيە بويىچە ئاكتىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى غايەت زور زىيانغا قارىماي، ئۈچ ئايدىن بىرى قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ھېچبىر يۆنىلىشتە نىشانىغا يېتەلمىدى. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ئامالسىز ھۇجۇمدا غەربتىن تېخىمۇ كۆپ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە ئازراق بولسىمۇ ئۇتۇققا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا. بۇ ئىشمۇ توقۇنۇشنى ئۇزارتماقتا» دېدى.

مىنىستىر شويگۇ ئۇكرائىنانىڭ تارتقان زىيانلىرى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتنى تارتىپ يەنە مۇنداق دېدى:

«ئاتالمىش ​​ھۇجۇم باشلانغاندىن بۇيان، دۈشمەن 66 مىڭ ئەسكەر، 7600 قورالدىن ئايرىلىپ قالدى. ئۇكرائىنا قوراللىق كۈچلىرى قايتۇرما ھۇجۇمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، پۇقراۋىي نىشانلارغا ھۇجۇم قىلماقتا ۋە بۇنى ھەربىي غەلىبە دەپ كۆرسەتمەكتە. ئالدىنقى ئايدىلا (ئۇكرائىنا) غا تەۋە  159 دانە <HIMARS> باشقۇرۇلىدىغان بومبا، 1000 دىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە 13 چوڭ تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ چۈشۈرۈلدى»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر