نىگېرىيە ساقچىلىرى گۆرۈدىكى 16 كىشىنى قۇتۇلدۇردى

نىگېرىيە ساقچىلىرى باۋچى ئۆلكىسىدە فىدىيە (تۆلەم) تەلەپ قىلىش مەقسىتىدە گۆرۈگە ئېلىپ كېتىلگەن 16 كىشىنى قۇتقۇزدى.

2032700
نىگېرىيە ساقچىلىرى گۆرۈدىكى 16 كىشىنى قۇتۇلدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باۋچى ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ئەھمەد مۇھەممەد ۋاكىل، ساقچىلارنىڭ بىر مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىغا ئاساسەن، ئۆلكىنىڭ كۇرمى يېزىسىدىكى قوراللارغا كىشىلەرگە قارىتا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى، ھەرىكەت جەريانىدا، تۆلەم تەلەپ قىلىش مەقسىتىدە گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان 16 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنىڭ بەزىلىرى يارىدار بولغاچقا، دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋاكىل، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئائىلىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

نىگېرىيەدە كىشىلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش جىنايىتى سادىر قىلغانلار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغان بولسىمۇ، تۆلەم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن، گۆرۈگە ئېلىپ قېچىش ۋەقەلىرى كۆپلەپ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر