ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئىدلىبقا قىلغان ھۇجۇمىدا بىر بوۋاق قازا قىلدى

ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئىدلىبنىڭ شەرقىدىكى سەرمىن يېزىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 1 بوۋاق قازا قىلىپ، 4 پۇقرا يارىلاندى.

2032310
ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئىدلىبقا قىلغان ھۇجۇمىدا بىر بوۋاق قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىدلىبنىڭ سەراقىب ناھىيەسىگە جايلاشقان ئەسەد قىسىملىرى بىلەن ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەت ئەللىك تېررورچى گۇرۇپپىلار بىرلىكتە سەرمىن يېزىسىغا ھۇجۇم قىلدى.

خەلق مۇداپىئە مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ھۇجۇمدا 8 ئايلىق بىر بوۋاق قازا قىلغان ۋە 4 پۇقرا يارىلانغان.

ئۇندىن باشقا يەنە، ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھەلەبنىڭ غەربىدىكى كەفەرتال، كەفەرئاممە، سەھارا، ئەبزىمو ۋە تەدىل يېزىلىرىغا شۇنداقلا ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى كەفەرئاۋىد يېزىلىرى ۋە ئەرىخا ناھىيەسىگە قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر